2 UIGARA (خۇددى سۆز-كالامغا باشتىن-ئاخىر ئۆز كۆزى بىلەن گۇۋاھچى بولغانلار، شۇنداقلا ئۇنى ساقلاپ يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ بىزگە ئامانەت قىلغان بايانلىرىدەك)، BSB BSB: just as they were handed down to us by the initial eyewitnesses and servants of the word.
3 UIGARA مەنمۇ بارلىق ئىشلارنى باشتىن تەپسىلىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئى ھۆرمەتلىك تېئوفىلۇس جانابلىرى، سىلىگە بۇ ئىشلارنى تەرتىپى بويىچە يېزىشنى لايىق تاپتىم. BSB BSB: Therefore, having carefully investigated everything from the beginning, it seemed good also to me to write an orderly account for you, most excellent Theophilus,
4 UIGARA بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلى قوبۇل قىلغان تەلىملەرنىڭ مۇتلەق ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە جەزم قىلىشلىرى ئۈچۈندۇر. BSB BSB: so that you may know the certainty of the things you have been taught.
6 UIGARA ئۇلار ئىككىسى خۇدانىڭ ئالىدىدا ھەققانىي كىشىلەر بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ پۈتۈن ئەمر-بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئەيىبسىز ماڭاتتى. BSB BSB: Both of them were righteous in the sight of God, walking blamelessly in all the commandments and decrees of the Lord.
7 UIGARA ئەمما ئېلىزابىت تۇغماس بولغاچقا، ئۇلار پەرزەنت كۆرمىگەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئىككىسى خېلىلا ياشىنىپ قالغانىدى. BSB BSB: But they had no children, because Elizabeth was barren, and they were both well along in years.
8 UIGARA ئۇ ئۆز تۈركۈمىدىكى كاھىنلار ئارىسىدا ئىبادەتخانىدا نۆۋەتچىلىك ۋەزىپىسىنى خۇدا ئالدىدا ئادا قىلىۋاتقاندا، BSB BSB: One day while Zechariah’s division was on duty and he was serving as priest before God,
9 UIGARA شۇ چاغدىكى كاھىنلىق ئادىتى بويىچە، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ «مۇقەددەس جاي»ىغا كىرىپ خۇشبۇي سېلىشقا مۇيەسسەر بولۇشقا چەك تاشلىغاندا شۇنداق بولدىكى، چەك ئۇنىڭغا چىقتى.BSB BSB: he was chosen by lot, according to the custom of the priesthood, to enter the temple of the Lord and burn incense.
10 UIGARA ئەمدى ئۇ خۇشبۇي سېلىۋاتقان ۋاقتىدا، جامائەت تاشقىرىدا تۇرۇپ دۇئا قىلىشىۋاتاتتى. BSB BSB: And at the hour of the incense offering, the whole congregation was praying outside.
11 UIGARA تۇيۇقسىز پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئۇنىڭغا خۇشبۇيگاھنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كۆرۈندى. BSB BSB: Just then an angel of the Lord appeared to Zechariah, standing at the right side of the altar of incense.
12 UIGARA ئۇنى كۆرگەن زەكەرىيا ھودۇقۇپ قورقۇنچقا چۆمۈپ كەتتى. BSB BSB: When Zechariah saw him, he was startled and gripped with fear.
13 UIGARA بىراق پەرىشتە ئۇنىڭغا: ــ ئەي زەكەرىيا، قورقمىغىن! چۈنكى تىلىكىڭ ئىجابەت قىلىندى، ئايالىڭ ئېلىزابىت ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھيا قويغىن. BSB BSB: But the angel said to him, “Do not be afraid, Zechariah, because your prayer has been heard. Your wife Elizabeth will bear you a son, and you are to give him the name John.
14 UIGARA ئۇ ساڭا شاد-خۇراملىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر شادلىنىدۇ. BSB BSB: He will be a joy and delight to you, and many will rejoice at his birth,
15 UIGARA چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئۇلۇغ بولىدۇ. ئۇ ھېچقانداق ھاراق-شاراب ئىچمەسلىكى كېرەك؛ ھەتتا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىن تارتىپمۇ مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلغان بولىدۇ. BSB BSB: for he will be great in the sight of the Lord. He shall never take wine or strong drink, and he will be filled with the Holy Spirit even from his mother’s womb.
16 UIGARA ئۇ ئىسرائىللاردىن نۇرغۇنلىرىنى پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ يېنىغا قايتۇرىدۇ. BSB BSB: Many of the sons of Israel he will turn back to the Lord their God.
18 UIGARA زەكەرىيا بولسا پەرىشتىدىن: مەنمۇ قېرىپ قالغان، ئايالىممۇ خېلى ياشىنىپ قالغان تۇرسا، بۇ ئىشنى قانداق جەزم قىلالايمەن؟ ــ دەپ سورىدى. BSB BSB: “How can I be sure of this?” Zechariah asked the angel. “I am an old man, and my wife is well along in years.”
19 UIGARA پەرىشتە جاۋابەن: ــ مەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا تۇرغۇچى جەبرائىلمەن. ساڭا سۆز قىلىشقا، بۇ خۇش خەۋەرنى ساڭا يەتكۈزۈشكە مەن ئەۋەتىلدىم. BSB BSB: “I am Gabriel,” replied the angel. “I stand in the presence of God, and I have been sent to speak to you and to bring you this good news.
20 UIGARA ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان بۇ سۆزلىرىمگە ئىشەنمىگەنلىكىڭ تۈپەيلىدىن، بۇ ئىشلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان كۈنىگىچە مانا سەن تىلىڭ تۇتۇلۇپ، زۇۋانغا كېلەلمەيسەن، ــ دېدى. BSB BSB: And now you will be silent and unable to speak until the day this comes to pass, because you did not believe my words, which will be fulfilled at their proper time.”
21 UIGARA ئەمدى جامائەت زەكەرىيانى كۈتۈپ تۇراتتى؛ ئۇلار ئۇ مۇقەددەس جايدا نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا ھايال بولدى، دەپ ھەيران قالغىلى تۇردى. BSB BSB: Meanwhile, the people were waiting for Zechariah and wondering why he took so long in the temple.
22 UIGARA ئۇ چىققاندا ئۇلارغا گەپ قىلالمىدى؛ ئۇنىڭ ئۇلارغا قول ئىشارەتلىرىنى قىلىشىدىن، شۇنداقلا زۇۋان سۈرەلمىگەنلىكىدىن ئۇلار ئۇنىڭ مۇقەددەس جايدا بىرەر ئالامەت كۆرۈنۈشنى كۆرگەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى. BSB BSB: When he came out and was unable to speak to them, they realized he had seen a vision in the temple. He kept making signs to them but remained unable to speak.
23 UIGARA شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ ئىبادەتخانىدىكى خىزمەت مۇددىتى توشۇشى بىلەنلا، ئۇ ئۆيىگە قايتتى. BSB BSB: And when the days of his service were complete, he returned home.
24 UIGARA دەرۋەقە، بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ ئايالى ئېلىزابىت ھامىلىدار بولدى؛ ئۇ بەش ئايغىچە تالا-تۈزگە چىقماي: BSB BSB: After these days, his wife Elizabeth became pregnant and for five months remained in seclusion. She declared,
25 UIGARA «ئەمدى پەرۋەردىگار مېنىڭ ھالىمغا نەزىرىنى چۈشۈرۈپ، مېنى خالايىق ئارىسىدا نومۇسقا قېلىشتىن خالاس قىلىپ، ماڭا بۇ كۈنلەردە شۇنچىلىك شاپائەت كۆرسەتتى» ــ دېدى. BSB BSB: “The Lord has done this for me. In these days He has shown me favor and taken away my disgrace among the people.”
28 UIGARA جەبرائىل ئۇنىڭ ئالدىغا كىرىپ ئۇنىڭغا: ــ سالام ساڭا، ئەي شەپقەتكە مۇيەسسەر بولغان قىز! پەرۋەردىگار ساڭا ياردۇر! ــ دېدى. BSB BSB: The angel appeared to her and said, “Greetings, you who are highly favored! The Lord is with you.”
29 UIGARA ئۇ پەرىشتىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ سۆزىدىن بەك ھودۇقۇپ كەتتى، كۆڭلىدە بۇنداق سالام سۆزى زادى نېمىنى كۆرسىتىدىغاندۇ، دەپ ئويلاپ قالدى. BSB BSB: Mary was greatly troubled at his words and wondered what kind of greeting this might be.
30 UIGARA پەرىشتە ئۇنىڭغا: ــ ئەي مەريەم، قورقمىغىن. سەن خۇدا ئالدىدا شەپقەت تاپقانسەن. BSB BSB: So the angel told her, “Do not be afraid, Mary, for you have found favor with God.
31 UIGARA مانا، سەن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەيسا دەپ قويىسەن. BSB BSB: Behold, you will conceive and give birth to a son, and you are to give Him the name Jesus.
32 UIGARA ئۇ ئۇلۇغ بولىدۇ، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ؛ ۋە پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنىڭغا ئاتىسى داۋۇتنىڭ تەختىنى ئاتا قىلىدۇ. BSB BSB: He will be great and will be called the Son of the Most High. The Lord God will give Him the throne of His father David,
33 UIGARA ئۇ ياقۇپنىڭ جەمەتى ئۈستىگە مەڭگۈ سەلتەنەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى تۈگىمەستۇر، ــ دېدى. BSB BSB: and He will reign over the house of Jacob forever. His kingdom will never end!”
35 UIGARA پەرىشتە ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ مۇقەددەس روھ سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا چۈشىدۇ ۋە ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ساڭا سايە بولۇپ يېقىنلىشىدۇ. شۇڭا، سەندىن تۇغۇلىدىغان مۇقەددەس پەرزەنت خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ. BSB BSB: The angel replied, “The Holy Spirit will come upon you, and the power of the Most High will overshadow you. So the Holy One to be born will be called the Son of God.
36 UIGARA ۋە مانا، تۇغقىنىڭ ئېلىزابىتمۇ ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئوغۇلغا ھامىلىدار بولدى؛ تۇغماس دېيىلگۈچىنىڭ قورساق كۆتۈرگىنىگە ھازىر ئالتە ئاي بولۇپ قالدى. BSB BSB: Look, even Elizabeth your relative has conceived a son in her old age, and she who was called barren is in her sixth month.
37 UIGARA چۈنكى خۇدا بىلەن ھېچقانداق ئىش مۇمكىن بولماي قالمايدۇ، ــ دېدى. BSB BSB: For no word from God will ever fail.”
39 UIGARA مەريەم شۇ كۈنلەردە ئورنىدىن قوپۇپ ئالدىراپ يەھۇدىيە تاغلىق رايونىدىكى بىر شەھەرگە باردى. BSB BSB: In those days Mary got ready and hurried to a town in the hill country of Judah,
40 UIGARA ئۇ زەكەرىيانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئېلىزابىتقا سالام بەردى. BSB BSB: where she entered the home of Zechariah and greeted Elizabeth.
41 UIGARA ۋە شۇنداق بولدىكى، ئېلىزابىت مەريەمنىڭ سالىمىنى ئاڭلىغاندىلا، قورسىقىدىكى بوۋاق ئويناقلاپ كەتتى. ئېلىزابىت بولسا مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن تەنتەنە قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ قىز-ئاياللار ئىچىدە بەختلىكتۇرسەن، قورسىقىڭدىكى مېۋىمۇ بەختلىكتۇر! BSB BSB: When Elizabeth heard Mary’s greeting, the baby leaped in her womb, and Elizabeth was filled with the Holy Spirit.
43 UIGARA ماڭا شۇنداق شەرەپ نەدىن كەلدىكىن، رەببىمنىڭ ئانىسى بولغۇچى مېنى يوقلاپ كەلدى! BSB BSB: And why am I so honored, that the mother of my Lord should come to me?
44 UIGARA چۈنكى مانا، سالىمىڭ قۇلىقىمغا كىرگەندىلا، قورسىقىمدىكى بوۋاق سۆيۈنۈپ ئويناقلاپ كەتتى. BSB BSB: For as soon as the sound of your greeting reached my ears, the baby in my womb leaped for joy.
45 UIGARA ئىشەنگەن قىز نەقەدەر بەختلىكتۇر؛ چۈنكى ئۇنىڭغا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئېيتىلغان سۆز جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ! BSB BSB: Blessed is she who has believed that the Lord’s word to her will be fulfilled.”
47 UIGARA روھىم قۇتقۇزغۇچىم خۇدادىن شادلاندى، BSB BSB: and my spirit rejoices in God my Savior!
49 UIGARA چۈنكى قادىر بولغۇچى مەن ئۈچۈن ئۇلۇغ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇردى؛ مۇقەددەستۇر ئۇنىڭ نامى. BSB BSB: For the Mighty One has done great things for me. Holy is His name.
50 UIGARA ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتى دەۋردىن-دەۋرگىچە ئۆزىدىن قورقىدىغانلارنىڭ ئۈستىدىدۇر، BSB BSB: His mercy extends to those who fear Him, from generation to generation.
51 UIGARA ئۇ بىلىكى بىلەن كۈچ-قۇدرىتىنى نامايان قىلدى، ئۇ تەكەببۇرلارنى كۆڭلىدىكى نىيەت-خىياللىرى ئىچىدىلا تارمار قىلدى. BSB BSB: He has performed mighty deeds with His arm; He has scattered those who are proud in the thoughts of their hearts.
52 UIGARA ئۇ كۈچلۈك ھۆكۈمدارلارنى تەختىدىن چۈشۈردى، پېقىرلارنى ئېگىز كۆتۈردى. BSB BSB: He has brought down rulers from their thrones, but has exalted the humble.
53 UIGARA ئۇ ئاچلارنى نازى-نېمەتلەر بىلەن تويۇندۇردى، لېكىن بايلارنى قۇرۇق قول قايتۇردى. BSB BSB: He has filled the hungry with good things, but has sent the rich away empty.
54 UIGARA ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئېيتقىنىدەك، يەنى ئىبراھىم ھەم ئۇنىڭ نەسلىگە مەڭگۈ ۋەدە قىلغىنىدەك، ئۇ ئۆز رەھىم-شەپقىتىنى ئېسىدە تۇتۇپ، قۇلى ئىسرائىلغا ياردەمگە كەلدى». BSB BSB: He has helped His servant Israel, remembering to be merciful,
56 UIGARA مەريەم ئېلىزابىتنىڭ يېنىدا ئۈچ ئايچە تۇرۇپ، ئۆز ئۆيىگە قايتتى. BSB BSB: Mary stayed with Elizabeth for about three months and then returned home.
57 UIGARA ئېلىزابىتنىڭ تۇغۇتىنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. BSB BSB: When the time came for Elizabeth to have her child, she gave birth to a son.
58 UIGARA ئەمدى ئۇنىڭ قولۇم-قوشنىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتىنى شۇنچە ئۇلغايتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ شادلاندى. BSB BSB: Her neighbors and relatives heard that the Lord had shown her great mercy, and they rejoiced with her.
59 UIGARA ۋە شۇنداق بولدىكى، بوۋاق تۇغۇلۇپ سەككىز كۈن بولغاندا، خالايىق بالىنىڭ خەتنىسىنى قىلغىلى كەلدى. ئۇلار ئۇنىڭغا زەكەرىيا دەپ ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى قويماقچى بولۇشتى. BSB BSB: On the eighth day, when they came to circumcise the child, they were going to name him after his father Zechariah.
60 UIGARA لېكىن ئانىسى جاۋابەن: ــ ياق! ئىسمى يەھيا ئاتالسۇن ــ دېدى. BSB BSB: But his mother replied, “No! He shall be called John.”
61 UIGARA ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ بىراق ئۇرۇق-جەمەتىڭىز ئىچىدە بۇنداق ئىسىمدىكىلەر يوققۇ! ــ دېيىشتى. BSB BSB: They said to her, “There is no one among your relatives who bears this name.”
62 UIGARA شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بالىنىڭ ئاتىسىدىن پەرزەنتىڭىزگە نېمە ئىسىم قويۇشنى خالايسىز، دەپ ئىشارەت بىلەن سوراشتى. BSB BSB: So they made signs to his father to find out what he wanted to name the child.
63 UIGARA ئۇ بىر پارچە موم تاختاينى ئەكىلىشنى تەلەپ قىلىپ: «ئۇنىڭ ئىسمى يەھيادۇر» دەپ يازدى. ھەممەيلەن ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى. BSB BSB: Zechariah asked for a tablet and wrote, “His name is John.” And they were all amazed.
64 UIGARA شۇئان ئۇنىڭ ئاغزى ئېچىلدى، ئۇنىڭ تىلى يېشىلىپ، زۇۋانغا كەلدى ۋە شۇنىڭ بىلەن خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتتى. BSB BSB: Immediately Zechariah’s mouth was opened and his tongue was released, and he began to speak, praising God.
65 UIGARA ئۇلارنىڭ ئۆپچۈرىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى قورقۇنچ باستى؛ يەھۇدىيە تاغلىق رايونلىرىدا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەل ئاغزىدا پۇر كەتتى. BSB BSB: All their neighbors were filled with awe, and people throughout the hill country of Judea were talking about these events.
66 UIGARA بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ: «بۇ بالا زادى قانداق ئادەم بولار؟» دېيىشتى. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قولى دەرۋەقە ئۇنىڭغا يار ئىدى. BSB BSB: And all who heard this wondered in their hearts and asked, “What then will this child become?” For the Lord’s hand was with him.
67 UIGARA شۇ چاغدا بالىنىڭ ئاتىسى زەكەرىيا مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، ۋەھىي-بېشارەتنى يەتكۈزۈپ، مۇنداق دېدى: ــ BSB BSB: Then his father Zechariah was filled with the Holy Spirit and prophesied:
68 UIGARA «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇلسۇن! چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىنى يوقلاپ، ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىپ، بەدەل تۆلەپ ئۇلارنى ھۆر قىلدى. BSB BSB: “Blessed be the Lord, the God of Israel, because He has visited and redeemed His people.
69 UIGARA ئۇ قەدىمدىن بېرى مۇقەددەس پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ۋەدە قىلغىنىدەك، قۇلى بولغان داۋۇتنىڭ جەمەتى ئىچىدىن بىز ئۈچۈن بىر نىجات مۈڭگۈزىنى ئۆستۈرۈپ تۇرغۇزدى؛ بۇ زات بىزنى دۈشمەنلىرىمىزدىن ۋە بىزنى ئۆچ كۆرىدىغانلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغۇچى نىجاتتۇر. BSB BSB: He has raised up a horn of salvation for us in the house of His servant David,
72 UIGARA ئۇ شۇ يول بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئىلتىپات ئەيلەپ، مۇقەددەس ئەھدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يەنى ئاتىمىز ئىبراھىمغا بولغان قەسىمىنى ئېسىدە تۇتۇپ، بىزنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن ئازاد قىلىپ، بارلىق كۈنلىرىمىزدە ھېچكىمدىن قورقماي، ئۆز ئالدىدا ئىخلاسمەنلىك ۋە ھەققانىيلىق بىلەن، خىزمەت-ئىبادىتىدە بولىدىغان قىلدى. BSB BSB: to show mercy to our fathers and to remember His holy covenant,
76 UIGARA ئەمدى سەن، ئى بالام، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ پەيغەمبىرى دەپ ئاتىلىسەن؛ چۈنكى سەن رەبنىڭ يوللىرىنى تەييارلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىسەن. BSB BSB: And you, child, will be called a prophet of the Most High; for you will go on before the Lord to prepare the way for Him,
77 UIGARA ۋەزىپەڭ ئۇنىڭ خەلقىگە گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئارقىلىق بولىدىغان نىجاتنىڭ خەۋىرىنى بىلدۈرۈشتۈر؛ BSB BSB: to give to His people the knowledge of salvation through the forgiveness of their sins,
78 UIGARA چۈنكى خۇدايىمىزنىڭ ئىچى-باغرىدىن ئۇرغۇپ چىققان شەپقەتلەر ۋەجىدىن، قاراڭغۇلۇق ۋە ئۆلۈم كۆلەڭگىسى ئىچىدە ئولتۇرغانلارنى يورۇتۇش ئۈچۈن، پۇتلىرىمىزنى ئامانلىق يولىغا باشلاش ئۈچۈن، ئەرشتىن تاڭ شەپىقى ئۈستىمىزگە چۈشۈپ يوقلىدى. BSB BSB: because of the tender mercy of our God, by which the Dawn will visit us from on high,
80 UIGARA بالا بولسا ئۆسۈپ، روھتا كۈچلەندۈرۈلدى. ئۇ ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئالدىدا نامايان قىلىنغۇچە چۆللەردە ياشاپ كەلدى. BSB BSB: And the child grew and became strong in spirit; and he lived in the wilderness until the time of his public appearance to Israel.